تاللاڭيانفون نۇسخىسى|كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش

بىر قانچە ئاساسى ئائىلە توك يولى بىلىملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

36

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36970

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-9-30 19:36:49  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش | كۆرۈش شەكلى

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار ،مۇنبەرگە تىما يوللىمىغىلى ئۇزۇن بولۇپتۇ  شۇڭا بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ سىلەرگە ئاددى بولسىمۇ بىر تىما ئېلىپ كەلدىم ؛

بۇ قىتىم سىلەرگە سۇنماقچى بولغان تېما ئائىلە توك يولى بىلىملىرى ئىچىدىكى 8 ئاساسى بىلىم ، ھەممىمىز بىلىمىز ئائىلىدە دائىم توك يولى مەسىلىلىرى چىقىپ تۇرىدۇ
بەزى ئىغىر مەسىلىلەرنى كەسپى توكچى تەكلىپ قىلىپ ئوڭشاتقىنىمىز بىلەن بەزى ۋاقىتتا بىر نەچچە سىمنى ئۇلاپ قويۇپلا بىرە يۈز سوم ئىلىپ كەتسە ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ ،
بىر ئائىلىدە مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن توك ئوڭشاشنى ئۈگۈنۈپ قويسا قىلچە زېيىنى يوق ؛بىر ئەركىشى تۇرۇپ بىر ئۆينىڭ ئۇششاق توك يولى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىسا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەلەم بولمىسا كىرەك ........




                  
  
ئائىلە توك يولى


     ئائىلە توك يولىنىڭ ئاساسى تۈزۈلۈشى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك :


ئائىلە توك يولىنىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈشى تەرتىپ بويىچە :
A,Bبولسا ئۆيگە كىرىش سىمى(进户线)
Cبولسا توك سائىتى (电能表)
D بولسا باش ۋىكليۇچاتېلى ۋە بېخەتەرلىك سىمى
E بولسا ۋىكلىيوچاتېل
F بولسا لامپۇچكا

1. تۆۋەن بېسىملىق ئۆيگە كىرىش سىمى :ئاساسى جەھەتتىن ئائىلىلەرگە ئىككى سىم كىرىدۇ ، بىرسى ئوت سىم يەنە بىرى نۆل سىم ، ئەگەر ئۈچ سىم ئەكىرىمەن دەپ بەك چىڭ تۇرىۋالسىڭىز
يەر سىمنى قېتىپ ئېلىپ كىرسىڭىز بولىدۇ ،بۇ سىمنى ئادەتتە چوڭ بېسىملىق توك ئىشلەتكۈچى ئەسۋاپلار بار چاغدا ئەكىرىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوت سىمدا 220V توك بىسىمى بولىدۇ ؛
نۆل سىمدا بېسىم بولمايدۇ ،لېكىن تۇتۇپ باقماڭ ئوخشاشلا توك تېپىدۇ چۈنكى ئائىلە توك يولى ئۆزگۈرۈشچان توك ،يەر سىم تېنىچ توكنى يەرگە ئۆتكۈزىۋىتىشكە ئىشلىنىدۇ ،بېسىم بولمايدۇ

2.توك سائىتى : توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىر مەزگىل توك سەرپىياتىنى ئۆلچەيدىغان پرىبور ئادەتتە قۇرۇق يولغا ئورنىتىلىدۇ ، توك سائىتىنىڭ ماركىسىدا بەلگىلەنگەن توك بېسىمى قىممىتى ۋە ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ چوڭ توك ئېقىمى قىممىتى بولىدۇ ، ئائىلە توك يولىدا ئىشلىتىلىدىغان توك سائىتىنىڭ نورمىلىق توك بېسىمى 220 V بولىدۇ ، ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ چوڭ توك ئېقىمى ئائىلە توك ئىشلەتكەن چاغدىكى ئەڭ چوڭ توكتىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك .مەسلەن سىزنىڭ زاۋۇتتا 300Vلىق يۇقۇرى بىسىملىق توك ئېلىپ كىرسىڭىز توك سائىتىڭىز چوقۇم مۇشۇنىڭدىن چوڭ بولىشى كىرەك بولمىسا .......

3.باش ۋىكليۇچاتېل(总开关):ئادەتتە رۇبىلنىك ۋىكليۇچاتېلى بولۇپ ، قۇرۇق يولغا ئورنىتىلىدۇ ، پۈتكۈل توك يولىنىڭ ئۆتۈشۈش ياكى ئۈزۈلۈشىنى كونترول قىلىپ ، توك يولىنى ئالماشتۇرۇش ،ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىلىدۇ .

4.بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى (保险线): دائىم ئۇچرايدىغان بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرىدىن كونا پاسوندىكى بىخەتەرلىك قۇتىسى ، ئاپتوماتىك ھاۋا ۋىكليۇچاتېلى ۋە توك قېچىشتىن قوغدىغۇچى قاتارلىقلار بار . بىخەتەرلىك قۇتىسىغا بىخەتەرلىك سىمى ئورنىتىلغان بولۇپ ، بىخەتەرلىك سىمى ئېلېكتر قارشىلىقى چوڭراق ، ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەنرەك ماتېرىياللاردىن ياسالغان ، توك يولىدىكى توك بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ، بىخەتەرلىك سىمى ئېرىپ ئۈزۈلىدۇ شۇنداقلا باشقا توك ئىشلەتكۈچى
ئەسۋاپلارنىڭ كۆيۈپ كىتىشىنى قوغدايدۇ ،ئەگەر ئائىلە توك يولىغا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىڭىز قالپاق كىيمەي قۇرلۇش ئورىنىغا كىرگەندەك ئىش ، ئادەتتە ئىش چىقمايدۇ ئىش چىقسا چوڭى چىقىدۇ ؛

5.روزېتكا(插座) : يۆتكىگىلى بولىدىغان ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئۇلاشتا ، توك يولىغا يانداش ئۇلاش كېرەك ، روزېتكا ئىككى تۆشۈكلۈك روزېتكا ۋە ئۈچ تۆشۈكلۈك روزېتكا دەپ ئايرىلىدۇ . روزېتكا ۋە روزېتكا بېشىغا « V » ھەرپى بىلەن نۆل سىمنى ، « L » ئوت سىمى ، « E » نى ئىپادىلەيدۇ .

6.ۋىكليۇچاتېل : ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۆتۈشۈش - ئۈزۈلۈشىنى كونترول قىلىپ ، ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان ھەمدە ئوت سىمىغا ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان بولۇپ ، ئوت سىمنى ئۈزۈپ نۆل سىمنى ئۈزمەي كونتىرول قىلىدۇ



      ئوت سىم بىلەن نۆل سىمنى ئايرىش


ئۇسۇلى : توك ئۆلچەش قەلىمىنى ئىشلەتكەندە ، قول قەلەم قۇيرۇقىدىكى مېتال جىسىم بىلەن تېگىشىشى ، قەلەم ئۇچى ئۆلچىنىدىغان سىم بىلەن تېگىشىشى ، ئەگەر نېئون لامپىسى نۇر چىقارسا ، تېگىشىدىغىنى ئوت سىمى ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر نېئون لامپىسى نۇر چىقارمىسا ، تېگىشىدىغىنى نۆل سىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ،


توك سىناش قەلىمىنىڭ پىرىنسىپى : ئوت سىمى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا 220 V توك بېسىمى بولىدۇ ، توك سىناش قەلىمىنى نورمال ئىشلەتكەندە ، قەلەم ئۇچى ئوت سىمى بىلەن ئۇچراشقاندا ، توك سىناش قەلىمى بىلەن ئادەم بەدىنىدە  توك بېسىمى ھاسىل بولىدۇ شۇڭا توك نېئون لامپىسى ۋە ئادەم بەدىنى ئارقىلىق نۇر چىقىرىدۇ . توك سىناش قەلىمىنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى ناھايىتى چوڭ ، نەچچە مىليون ئوم بولغاچقا ، توك ئېقىمى ناھايىتى كىچىك بولۇپ ، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ ، نۆل سىم بىلەن يەر ئوتتۇرىسىدا توك بېسىمى بولمايدۇ ، شۇڭا نېئون لامپىسى نۇر چىقارمايدۇ .


     ئائىلە توك يولىنىڭ تۈزۈلۈشى

1.ئائىلە توك يولى ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى : ئۆيگە كىرىش سىمى ، ھاۋا ۋىكليۇچاتېلى ( يول ئۈزگۈچ ) ، ۋىكليۇچاتېل ، روزېتكا تەركىب تاپقان


ئائىلە توك يولىدىكى ئۆيگە كىرىدىغان ئىككى تال سىم بار ، بىرى سىم ، يەنە بىرى سىم . ئىككى تال سىم ئارىسىدىكى توك بېسىمى ( دۆلىتىمىز )220ت .

     2.توك ئۆلچەش قەلىمى

1)پەرقلەندۈرۈش سىزىقى ۋە سىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان توك ئۆلچەش قەلىمى .

2.) توك ئۆلچەش قەلىمىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى : قول مېتال جىسىم بىلەن ئۇچراشقاندا ، مېتال جىسىم ئوت سىمى بىلەن ئۇچراشقاندا نېئون لامپىسى نۇر چىقىرىدۇ ، نۆل سىم بىلەن ئۇچراشقاندا نېئون لامپىسى نۇر چىقارمايدۇ .













بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش