تاللاڭيانفون نۇسخىسى|كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش

STC ئۆزىكىگە تۇنجى سېستىما يېزىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

35

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36891

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-8-21 21:29:07  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش | كۆرۈش شەكلى

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


            ياخشىمۇ سىلەر كۆپچىلىك بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن تېما بولسا STC  نىك ئۆزەكلىرى ئىچىدىكى at89c52 غا سېستىما يېزىش ،يەنى شۇنىڭغا بۇيرۇق بىرىپ توك يولىنى كونتىرول قىلىش ،
ئەگەر STCنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسىڭىز  بۇ تېمىغا كىرىپ بىقىڭ



            ھەممىمىز بىلىمىز بۇۋاق بالا يىغا ئاۋازى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ ، پىروگىراممىمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىشتا بىرىنجى بولۇپ دەيدىغان گىپى "سالام دۇنيا --يەنى Hello World" دىگەن بىر سۆز بىلەن بارلىققا كىلىدۇ

بىزنىڭ قاتتىق دىتال سېستىمىمىز ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، قاتتىق دېتال سېستىمىمىز بىر تال LEDنى ياندۇرۇش  ئارقىلىق بارلىققا كىلىدۇ ،شۇڭا بىزنىڭ يازىدىغان تۇنجى تىمىمىز بىر تال LED نى ياندۇرۇشتىن باشلايمىز


             كېرەكلىك ماتىرياللار :

  •          بىر دانە STC89c52 ئۆزىكى
  •          بىر دانە STC ئەك كىچىك سېستىمىمسىسى ياكى ئۈگۈنۈش تاختىسى ،سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن سېتىۋىلىڭ





             ئاساسلىق مەزمۇنى :


      1-قەدەم دېتالنى ئېچىپ ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان ئۆزەك تۈرىنى تاللايمىز بىزنىڭ ئۈگۈنۈش تاختىسىنىڭ ئۆزىكى 89c52شۇڭا رەسىمدىكىدەك تەڭشەيمىز


            

       2. ئەمدى atmel دېگەن كۆك رەكلىك كىتاپنىڭ بەلگىسىنى تاللاپ بىزنىڭ ئۆزەككە ماس كىلىدىغان قىستۇرمىنى تاپىمىز ،ۋە ئىككى چىكىمىز رەسىمدىكىدەك :


        

      3.ئەمدى بىز مۇۋاپىق ساقلايدىغان يەرنى تاللاپ 保存نى باسىمىز ئاندىن چىققان ئەسكەرتىش رامكىسىدىن 否نى   باسىمىز  ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە قىلىپ بىر قۇرۇق ھۆججەت قۇرىمىز ۋە c فورماتىدا ساقلايمىز

   
       *ئەسكەرتىش :چېكىتنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ يازسىڭىز بولىدۇ لىكىن كەينىگە چوقۇم c دەپ يازىسىز چۈنكى بىزنىڭ يازىدىغان تىلىمىز c تىلى



       4.ئەڭ ئاخىرىدا بىز بۇ c ھۆججەتنى ئەكىرىمىز يەنى رەسىمدىكىدەك :

         
     ئاندىن ئىبايام ساقلىۋالغان c ھۆججەتنى ئىككى چىكىپ بولۇپ كۆزنەكنى ئۆچۈرۋىتىڭ ؛ئانىڭدىن كىيىن كوپد يىزىشنى باشلايمىز






        ئاۋال كودىنى يوللىۋىتەي :
      
  1. #include <reg52.h>

  2. sbit LED1= P2^0 ;

  3. void main(){
  4. LED1=0;
  5. }  
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


      1. بۇ كودتىكى بىرىنجى قۇردىكى reg52.h دىگەن C باش ھۆججىتى  شۇنداقلا STC ئۆزىكىنىڭ مۇھىم ھۆججىتى ، بۇنى reg52.h غا ئالماشۇرۋەتسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق چۈنكى STC98c52 بىلەن STC98c351 نىڭ كۆپ پەرىقى يوق

      2. sbit بۇ كود C تىلىنىمىڭ ئۆزگىرىشچان مىقدار ساقلاش بەلگىسى ،بىزنىڭ ئۈگىنىش تاختىسىنىڭ بىز ياندۇرماقچى بولغان  LED سى P2- ئۇلىنىش ئىغىزىنىڭ 0-پۇتىدا شۇڭا LED1 دىگەن ئۆزگۈرۈشچان مىقدارغا P2^0 پۇتنى يۈكلەپ بەردۇق

      3. C ياكى java تىلى ئۈگىنىۋاتقانلار بىلىدۇ main بۇ گەپ پىروگىرامما ئېجرا بولىدىغان ئاساسلىق ئورۇن ، بۇ يەر بولمىسا پىروگىرامما ئېجرا بولىدىغان يەرنى تاپالمايدۇ ،

      4. بۇ يەردىكى LED1=0 بۇنىڭ مەنىسى بىزنىڭ ئۈگىنىش تاختىمىزدىكى LEDلامپىسىنىڭ بىر پۇتى Vcc يەنى ئېلىكتىر مەنبەسىنىڭ مۇسبەت ئۇچىغا ئۇلانغان ، يەنە بىر پۇتى P2^0 پۇتقا ئۇلانغان بىز بۇ پۇتنى مەنپى قىلىۋەتكەن

چاغدا ئاندىن چىراق يانىدۇ ئەگەر ئىككىلىسى مۇسبەت بولۇپ قالسا چىراق يانمايدۇ


     كودنى يىزىپ بولدۇق ئەمدى چۈشۈرۈش مەسىلىسى قالدى ، بۇنىڭ دەرىسى تۆۋەندە بار


   ئاۋال بىز كودلىرىمىزنى ئۆزەك تونۇيدىغان قىلىپ تەرجىمە قىلىشىمىز كىرەك ، چۈنكى ئۆزەكمۇ كومپىيۇتىردەك 0 بىلەن 1 نىلا تونۇيدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن دېتالىمىزنى تەڭشىشىمىز كىرەك

        

             تەرتىپ بويىچە بىسىپ HEX ھۆججەت چىقىرىشقا توغرا بەلگە ئۇرىۋەتسەكلا بولدى ،ئەمدى قاتتىق دېتالىمىزغا سېستىما چۈشۈرىمىز


          ئۆزەككە سېستىما چۈشۈرۈش :
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


   ئاندىن 程序下载 نى بىسىۋەتسەك پىروگىرامما ئاپتۇماتتىك ئۆزەككە چۈشىدۇ ۋە بىر ئۈگۈنۈش تاختىسىدىكى بىر دانە LED يانىدۇ






















بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش