تاللاڭيانفون نۇسخىسى|كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش

ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ پىرىنسىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

36

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36984

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-8-15 01:16:40  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش | كۆرۈش شەكلى

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


          ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار ، بۈگۈن بىزنىڭ سىلەرگە سۆزلەيدىغان تېمىمىز بولسا ئىچكى ساقلىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك ، بۇ ماقالىدە سۆزلىنىدىغىنى  ئىچكى ساقلىغۇچ نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى سۆزلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىسىدىن تارتىپ  توك يولى تۈزۈلۈشىگىچە بولغان توك يولى بولغان : ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا -> لوگىكىلىق قاپقاق (逻辑门)-> بىرىكمە لوگىكىلىق بۆلەك j ۋە ساقلاش بۆلىكى -  ئىچكى ساقلىغۇچ دىن ئىبارەت .




          بىز ھەممىمىز بىلىمىز كومپىيۇتىر ئىشلىتىدىغان سانلار سېستىمىسى ئىككىلىك سانلار سېستىمىسى ،مەيلى قانداق كومپىيۇتىر بولىشىدىن قەتتى نەزەر پەقەت 1 بىلەن 0 نىلا تونۇيدۇ (مۇنبىرىمىزدە بۇ توغۇرلۇق دەرىس بار :مۇشۇ يەر شۇ) ، ئۇنداقتا ئابستراكت مەنىدىن قارىغاندىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچ ئىچىگە ساقلاپ ئېچرا قىلىدىغان مەزمۇنمۇ پەقەت 0 بىلەن 1 بولىدۇ ،ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مەسىلە قانداق قىلغاندا مۇشۇ نەچچە مىليۇنلىغان 0 بىلەن 1 نى قانداق ساقلاش كىرەك ؟ تۆۋەندە  ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ  قاتتىق   دېتالنىڭ   ئەمەلگە   ئېشىشىنى   سۆزلەپ   باقايلى .


                      توك يولى


         ئاۋال بىز ئەڭ ئاددى بولغان توك يولىنى كۆرۈپ باقايلى :



    بۇنى ئەلۋەتتە ئازراقلا فىزىكا بىلىمى بار ئادەم كۆرۈپ بىلەلەيدۇ بۇ ئەڭ ئاددى بولغان كىچىك لامپۇچكا ياندۇرۇش تەجىربىسى ؛ ئۈزچات ئۇلانغاندا چىراق يانىدۇ ،ئۈزۈلگەندە ئۆچىدۇ ، ئىچكى ساقلىۈۇچنىڭمۇ پىرىنسىپى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش

يەنى ئۈزۈلگەن ۋاقتى 0 بىلەن يەنى  تۆۋەن دەرىجىلىك توك (低电平) بىلەن يانغان ۋاقتىنى 1 يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك توك بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ




                ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا


       ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولىدىكەن ئۇنى بىز كونتىرول قىلىشىمى كىرەك ،يەنى ئۈزچات ئارقىلىق ؛ كومپىيۇتىردا ئۆز ئارا بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئۈزچات بولىدۇ يەنى CMOS نىڭ MOS-n لامپىسى ۋە  MOS-p لاپىسى (بەلكىم پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەنسىز بۇ ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ P-N-P  پۇتىغا ئوخشايدۇ لىكىن بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولغاچقا بىر P بۇتى يوق )  ؛  بۇ ئىككىسىنىڭ كونتىرول قىلىش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە :





    بۇ MOS-n نىڭ توك يولى ،    سېتكا قۇتۇپى(栅极端) ( G a t e ) توك ئۆتكەندىن كېيىن ،1# -->2# توك يولىدا توك يولى ئۇلىنىدۇ   ، سېتكا قۇتۇپىدا  توك ئۈزۈلۈپ قالسا توك يولى ئۈزۈلىدۇ




            
                بۇ MOS-p بولسا دەل ئەكىسچە يەنى ئەگەر سېتكا قۇتۇپىدىن توك ئۆتكەندە ئەگەر 1#---›2# توك يولىدا توك بولمىسا سېتكا رايۇنىدىكى توك ئۈزۈلۈپ كىتىدۇ شۇنداقلا 1#--2# رايۇنىدىكى توك يولى ئۇلىنىدۇ ، يەنى

ئەگەر بۇ توك يولىغا كىرگۈزۈلگەن قىممەت 1 بولسا توك بىر ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن 0 بولۇپ چىقىدۇ



                   لوگىكىل قاپقاق

          بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ، بىز كومپيۇتېردىكى « بىلەن »(与门) ، « ياكى »(或门) ، « ئىنكار »(非门) توك يولىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز . بۇ توك يولى ئۈگىنىدىغانلار ئۈگەنمىسە بولمايدىغان ئاساسى بىلىم ،يەنى توك يولى لوگىكا قىسمى سىز بۇ ئارقىلىك توك يولىغا ئاددى قىلىپ مەقسىڭىزنى ئۇقتىرالايسىز شۇڭا بۇ بەك مۇھىم بۆلەك


   
    1. ئېنكار قاپقىقى (非门  NOT)
    بۇ دەل ئېنكار قاپقىقىنىڭ توك يولى ، بۇنىڭ قائىدىسى In (كىرگۈزۈش دىگەن گەپنىڭ قىسقارتمىسى Input) ئېغىزدىن 0 كىرسە OUT ئېغىزىدىن (چىقىرىش دىگەن گەپنىڭ ئېنگىلىزچىسى)  1بولۇپ چىقىدۇ  ؛ 1 كىرسە 0 بولۇپ چىقىدۇ ،يەنى نىمە كىرسە ئەكىسچە چىقىدۇ

           ياكى قاپقىقى (或门 OR)


  كۆرۈپلا بىشىڭىز قاتمىسۇن بۇ بەك ئاددى بۇنىڭ قائىدىسى: ئىككى كىرگۈزۈلگەن ساننىڭ ئىككىلىسى ياكى خالىغان بىرسى 1 بولسا چىققان نەتىجە 1 بولىدۇ ،يەنى A،B خالىغان بىر ئىغىزغا 1 قىممەتنى بەرسىڭىز 1 بولۇپ چىقىدۇ ئەگەر ئىككىلى قىممەت 0 بولسا ئاندىن 0 چىقىدۇ



كىرگۈزۈلگەن قىممەت Aكىرگۈزۈلگەن قىممەت Bچىققان نەتىجە C
0 00
0 1 1
1 0 1
1 1 1


                      ھەمدە قاپقىقى (与门 AND)

  بۇنىڭ قائىدىسى : كىرگۈزۈلگەن A قىممەت ھەمدە كىرگۈزۈلگەن B قىممەت 1 بولغاندا چىققان نەتىجە C ئاندىن 1 چىقىدۇ  بولمىسا 0 چىقىدۇ ،چۈشىنەلمىسىڭىز ئۈستىدىكى ياكى قاپقىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قايتا ئوقۇپ بىقىڭ چۈشىنىۋالىسىز


كىرگۈزۈلگەن قىممەت A
كىرگۈزۈلگەن قىممەت B
چىققان نەتىجە C
0 0 0
0 1 0
1 0 0
1 11


   ★ لوگىكىلىق قاپقاقلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ پىرىنسىپىنى  بىلگەندىن كېيىن ، بەلگىنى بۇ مۇرەككەپ خەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدۇ .



             لوگىكىلىق بۆلەكنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئارقىدىنلا كومپيۇتېر ئىچىدىكى لوگىكىلىق بۆلەككە قاراڭ . لوگىكىلىق بۆلەكنى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ :
    بىر خىل ساقلىغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر ( بىرىكمە لوگىكىلىق بۆلەك )
    يەنە بىر خىل ساقلاشقا بولىدىغان ئۇچۇر ( ساقلاش بۆلىكى ) . بىز ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە قۇرۇلمىنى تونۇشتۇرىمىز .


           بىرىكمە لوگىكىلىق بۆلەك
   1. ساقلاشقا بولمايدىغان ئۇچۇر قۇرۇلمىسى : ھېسابلاش ياكى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ .
    كود تەرجىمە قىلغۇچ : كىرگۈزۈش ئۇچىدىكى ئىككىلىك سان سېستىمىسىگە ئاساسەن ، چىقىرىش ئۇچىدىكى مەلۇم بىر توك يولىنى تالللايدۇ


    مەسىلەن ، ئەگەر A = 0 ، B = 0 بولسا ، ئەڭ ئۈستىدىكى سىزىق تاللىنىدۇ .IF دىگەن گەپنى بىلىسىلە مەيلى يۇمشاق دىتالغا ياكى قاتتىق دېتالغا كود يازىدىغان باللا لوگىكىلىك جۈملە ،ھۆكۈم قىلىشقا ئىشلىتىدۇ


       2.    كۆپ يوللۇق تەكرار ئىشلەتكۈچ : كونترول قىلىش سىگنالىغا ئاساسەن ، پەقەت كىرگۈزۈش ئۇچىدىكى مەلۇم بىر تال توك يولىنى تاللاپ ، بۇ سىمنى چىقىرىش ئۇچىغا چىقىرىش

    مەسىلەن ، ئەگەر S 1 = 0 ، S 2 = 0 بولسا ، A لىنىيە تاللىنىدۇ ، A نىڭ قىممىتى چىقىرىش قىممىتى بولىدۇ .


        
                   ساقلاش بۆلىكى

    ساقلاشقا بولىدىغان ئۇچۇر قۇرۇلمىسى : ئىككىلىك سانلار سېستىمىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ساقلاشقا ئىشلىتىدۇ



          1.    قاپقاقكونترول D قۇلۇپلۇق ساقلىغۇچ(门控D锁存器)

  W E = 0 بولغاندا ، S ۋە R چوقۇم 1 ، توك يولى مۇقىم بولىدۇ ، o u t ئۇچى ئەسلىدىكى قىممىتىنى ساقلاپ قالىدۇ
    W E = 1 بولغاندا ، D نىڭ قىممىتىگە ئاساسەن ، o u t ئۇچى ماس قىممەتكە ئايلىنىدۇ . ئاندىن W E = 0 ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسا ساقلاپ قويىدۇ


          2.  رېگىستېر(ساقلىغۇچ 寄存器)   

     بىر دانى D قۇلۇپلۇق ساقلىغۇچ پەقەت 1 بىت ئۇچۇر ساقلايدۇ ، N دانە Dقۇلۇپلۇق ساقلىغۇچ N بىت ئۇچۇرنى ساقلايدۇ مانا بۇ ساقلىغۇچنىڭ پىرىنسىپى



    بۇ قۇرۇلمىلارنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، بىز  ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاخىرى چۈشەندۈردىغان يەرگە كەلدۇق !!!


                   ئىچكى ساقلىغۇچ

  ئالدى بىلەن ئىككى ئۇقۇمنى تونۇشتۇرىمىز :


    ئادرېس ئىزدەش بوشلۇقى : يەنى قانچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچ ئادرېسى ساقلىغىلى بولىدۇ ، بىز ئادەتتە كومپىيۇتىرغا G4 ئىچكى ساقلىغۇچنى  چاتساق  ، كومپيۇتېرنىڭ 2 نىڭ 32- دەرىجىسى دانە (32^2) ئادرېسىنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ! قانچىلىك  كۆپ ئادرېسنى ساقلىيالىسىڭىز ، شۇنچىلىك ئادرېستىكى ئۇچۇرنى تاپالايسىز .


    ئادرېس ئىزدەش ئىقتىدارى : ھەربىر ئادرېستابىر  قانچە b i t ساقلىنىدۇ ، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كومپيۇتېرلارنىڭ bit8  ئادرېس ئىزدەش ئىقتىدارى بولىدۇ .


    ئۇنداقتا بىز بىر ئاددىي ئىچكى ساقلىغۇچنى  كۆرۈپ باقايلى . بۇ 2 نىڭ 2-دەرىجىسىدىكى ( 4دىمەكچىدە مەن بۇ يەردە )  ئادرېس ئىزدەش بوشلۇقى بولۇپ ، پەقەت 4 ئادرېسنى تاپقىلى بولىدۇ . ئادرېس ئىزدەش ئىقتىدارى 3 دانە b i t ، يەنى ھەر بىر ئادرېسنى پەقەت 3 دانە b i t ساقلىيالايدۇ . جەمېى 12 ئادىرىس


  مەسىلەن
    ئادرېس ئىزدەش بىر 2 دانە كود تەرجىمە قىلغۇچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . كود تەرجىمە قىلغۇچ A 1 ۋە A 2 نىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ، ماس كېلىدىغان بىر سىزىقنى تاللايدۇ ، يەنى ئادرېس ماس كېلىدىغان ساقلاش بوشلۇقىنى تاپىدۇ .
    ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ كونكىرت قىلىدىغان ئىشى  بولسا قاپقاق كونتۇرۇل D قۇلۇپلۇق  ساقلىغۇچتا b i t ئۇچۇرنى ساقلاش .


    ئوقۇپ چىقىرىشنى كۆپ يوللۇق تەكرار ئىشلەتكۈچ ئىشقا ئاشۇرىدۇ . ئادرېس ئىزدىگەندە كود تەرجىمە قىلغۇچ تاللىغان مەلۇم بىر لىنىيەگە ئاساسەن ، ھەر بىر قاتار كۆپ يوللۇق تەكرار ئىشلەتكۈچ پەقەت شۇ لىنىيەنىڭ ماس كېلىدىغان قاپقاق كونترول D قۇلۇپلۇق ساقلىغۇچتا ساقلانغان b i t نى چىقىرالايدۇ . ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ b i t ئوخشاش بىر لىنىيەگە ماس كېلىدىغان ئۈچ قاپقاق D قۇلۇپى ساقلىغۇچتىن چىقىدۇ .


    بۇ دەل ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىش ئىشلەش پىرىنسىپى پىرىنسىپى .

تۈگىدى ؛ دەرىس يارىغان بولسا دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ

قوللاش سىزدىن ، بىلىم بىزدىن


ئەسكەرتىش: بۇلارنى تولۇق چۈشىنىۋىلىڭ دىمەيمەن لىكىن لوگىكا قاپقىقىنى چۈشىنىۋىلىڭ بولمىسا كىيىنكى توك يولى بىلىملىرىنى ئۈگىنىشىڭىزگە تەسىر يىىدۇ ،






بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش