تاللاڭيانفون نۇسخىسى|كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش

ئاددى ئۇسسۇلدا USBئېغىز كۆپەيتكۈچ ياساش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

36

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36970

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-17 14:17:37  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش | كۆرۈش شەكلى

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


      ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار ،تۈنۈگۈن يوللىغان تىلىفۇن ساقلىغۇچىنى بارماق دىسكا قىلىشنى ياسالمىدىڭلا ھەقاچان ،ھىچقىسى يوق بۇ قىتىمقىسى تىخىمۇ ئاسان ، بۈگۈن ياسىماقچى بولغان نەرسىمىز USBئېغىزنى كۆپەيتكۈچ ،ھەممىڭلار بىلىسىلە كومپىيۇتىرنىڭ ئالدى تەرىپىدە كۆپ بولغاندا 4 تال كەينىدە كۆپ بولغاندا 8 تال USBئىغىزى چىقىدۇ ، لىكىن كەينىگە بارماق دىسكا ،ساقلىغۇچ چىتىش ئەپسىز ،ئالدى تەرەپتىكى بەزى ۋاقىتلاردا يەتمەسلىكى مۇمكىن قانداق قىلىش كىرەك ؟ بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ HUB ئېلىش كىرەكما ؟ ياق بىزنىڭ مۇنبەرنىڭ نىشانى بولسا ئاز پۇل خەجلەپ كۆپ نىشانغا يىتىش تۇرسا بۇ قانداق مۇمكىن بولىدۇ ؟ بۈگۈن سىلەرگە ئازراق ۋاقىت ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن تاشلاندۇق بويۇملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ بىر ئېغىز كۆپەيتكۈچ ياسايمىز،جىق سۆزلەپ قويدۇم ،ئەمسە دەرىسنى باشلايلى:


         
              كىرەكلىك ماتىرياللار:

  • USBئاتىلىق چېتىش ئېغىزى*1 (ھەيران قالماڭ ئاتىلىق ئانىلىق دىگەنلەر توك يولىدىمۇ بار بۇ ئاساسلىق چاتقۇچلارغا ئىشلىتىدۇ  )
  • USBئانىلق چېتىش ئىغىزى*4
  • سىرىتقا قاپتىن بىرنى (تاپالمىسىڭىز مەيلى ،سىرتىنى پىلاستىر بىلەن چاپلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ ،بەربىر بۇنى ئەپچىقىپ ساتمىغاندىن كىيىن )
  • LEDچىراق بىلەن قارشىلىق بىردانە
  • توك يولى تاختىسى (بۇنى تاپالمىسىڭىز ياغاچ نىپىز تاختاي تىپىپ تۆشۈك تىشىپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ بىرتال 502بىلەن چاپلىسىڭىز بولىدۇ قاتتىق دىتاللارنى)
  • سىم ،(بەك ئىنچىك ھەم بەك توم ،بولۇپ كەتمىسۇن ئويۇنچۇقلارنى چۇۋۇسىڭىز چىقىدىغان يۇمشاق سىم بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇكىڭىزنىڭ ئويۇنچىقىنى بۇزماڭ ھە ،دادىڭىزدىن تاياق يىسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس

         
  ئانىلىق چاتقۇچ دىگەن ئاۋۇ ئەنە ،تۆتى شۇ مۇنداق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ ئىچىگە كىرىدىغاننى ئاتىلىق چاتقۇچ  دەيمىز ئىچىگە كىرگۈزىدىغاننى ئانىلىق چاتقۇچ دەيمىز ناتىلىق چاتقۇچنىڭ  ئانىلىق چاتقۇچقا  ماس كىلىدىغان ئۇچى بولىدۇ ،ئانىلىق چاتقۇچنىڭ  ئاتىلىق چاتقۇچقا  ماس كىلىدىغان كىرگۈزۈش ئىغىزى بولىدۇ

     ياساش باسقۇچى:

     1. ئاۋال بۇ توك يولىنى كۆرىۋىلىڭ ھىلى چاتقاندا كىرەك بولىدۇ


مانا توك يولى مۇشۇنداق ئاددى ئوتتۇرىدىكى ئىككى سىم غول سىم بولىدۇ بۇ ئاتىلىق چاتقۇچ ئۇچىغا چىتىلىدۇ ، تۆت دانە ئانىلىق چاتقۇچ ئىغىزى بۇ غول لىنىيەگە يانداش ئۇلىنىدۇ ،چۈشەنمىسىڭىز رەسىمنى چوڭايتىپ تەپسىلى نەچچە قىتىم قارىۋىتىڭ ،پەقەت بولىمسا ئىنكاس يىزىش ئورىنى تىگىدە بار


       2.ئەمدى USB ئېزىنىڭ پۇتلىرىنىڭ نامىنى كۆرۈۋىلىڭ



       ئادەتتە vcc دىگەن توك يولىدا مۇسبەت توكنى كۆرسىتىدۇ 5Vدىن 3.3Vغىچە بولىدۇ بۇ بەلكىنى قەتتى ئۇنتۇپ قلماڭ بەلگىسى +
       D+D- بۇ ئىككىسى ئۇچۇر چۈشۈرۈش چىقىرىش رولىغا ئىگە ئەگەر ئوتتۇردىكى ئىككىسىنى چاتمىسىڭىز بۇ پەقەت توك بۇ ئىزىدىن پەقەت توكلا ئۆتىدۇ بۇ ئىككىسىنىمۇ ئۇلىسىڭىز بۇ ئىغىزدىن ئۇچۇرمۇ ئۆتىدۇ دىگەن گەپ شۇڭا تىلىفۇننىڭ سىمى ئىككىگە بۆلىىنىشى بىرسى زەرەتلىگۈچ بىرسى ئۇچۇر سىمى مۇشۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى

      GND بۇ توك يولىدىكى يەر سىم خەنزۇچە 地线 دىيىلىدۇ ئادەتتە مەنبەنىڭ مەنپى قىسمى بولىدۇ بەلگىسى -

     ئەمدى يۇقۇرقى توك يولىغا ئاساسەن ئۇلايمىز پۇتلىرىنى خاتا ئۇلىماڭ چۈنكى تۇراقلىق توكنىڭ مەنپى مۇسبەت قۇتۇبى ئىنىق ئايرىلىدۇ بولمىسا توك يولى  ماس بولۇپ قالىدۇ ،

          مانا ئەگەر توك يولى تاختىڭىز بولمىسا ياغاچ تاختىغا قىلدىڭىزمۇ بولىدۇ ئالاۋا ياغاچ تاختىغا رەسىمىنى سىزىۋىلىپ توك يولىنىڭ تۆشۈكىنى تىشىپ قاتتىق دىتاللرىنى چىتىپ 502بىلەن چاپلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ئاندىن پۇتلىرىنى يۇمشاق مىس سىم بىلەن داغماللىسىڭىز بولىدۇ ئەمدى قاپچۇقىنى ياسالىسىڭىز شۇنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ


پۈتتى بولدى بۇنى 充电宝غا چاتسىڭىز بىر قىتىمدا 4 تىلىفۇنغا توك چاتالايسىز ، بۇنى بارماق دىسكا چىتىشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ چۈنىكى مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇردىكى ئىككى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىنىمى ئۇلىغاننى سۆزلىمىدىم ،بۇنى ئەگەر قىززىقسىڭىز ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ





ئادەم مۇكەممەل بولالمايدۇ لىكىن مۇكەممەللىككە چەكسىز يىقىنلىشالايدۇ











بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

27

تېما

36

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36970

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-17 14:19:00  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


مۇنبەرنى ياقتۇرغان بولساڭلار تىزىملىتىپ قويۇڭلا كىيىنكى مەزمۇنلار تىخىمۇ ئىسىل

1

تېما

12

يازما

70

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
70
QQ
ۋاقتى: 2019-7-17 19:27:18  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


ھەقىقەتەن ئىسىل  ۋاقت بولسىلا چوقۇم تىرىشىمەن

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش