تاللاڭيانفون نۇسخىسى|كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش

كوندېنساتور ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

34

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36775

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-11 15:09:47  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش | كۆرۈش شەكلى

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


         ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان قاتتىق دىتال تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچىرايدىغان كوندېنساتور  (电容器) ھەققىدە ،بۇمۇ توك يولىدا زۆرۈر بولغان ئاساسى ئېلمىنىتلارنىڭ بىرسى ،

ئالدىن ئەسكەرتىش بىرىپ قوياي ،تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ياكى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلار ياخشى چۈشۈنىۋىلىڭلا ئىمتىھاندا پايدىسى بولىدۇ   (بۇ قاتتىق دىتال سەھىپىسىنىڭ يىقىنقى ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمىسى ، كىلەر قىتىمدىن باشلاپ يەككە ئۆزەكلىك كومپىيۇتىرنى تونۇش ۋە ئىلىكتىرونلۇق توك يولىغا سېستىما يېزىش سۆزلىنىدۇ )



     قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى:



نامى:كوندېنساتور  
ئېنگىلىزچە نامى : capacitor
ئىقتىدارى :
زەرەت (ئېلىكتىرون)قاچلاش ۋە قويۇپ بىرىش
فورمىلاسى :
C=Q/U (توك يولىدىكى بەلگىسى C ، بىرلىكى Fفارادى)
تەقلىدى توك يولىدىكى بەلگىسى : (چەكسىڭىز چوڭلايدۇ)





          كوندېنساتور نى زاغرا تىل بىلەن چۈشەندۈرسەك ئۇنىڭ رولى ئىككى ئۇچىدىكى ئېلىكتىرونلارنى تاكى ئۇنىڭ سىغىمى توشقۇچە ئۆتكۈزمەي ئىچىگە قاچىلايدۇ ،توشۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆتكۈزىدۇ ،ئەگەر

توك يولىنىڭ بىسىمى ئاجىزلاپ كەتسە ئۆزى ساقلىۋالغان ئېنىرگىيەنى قويۇپ بىرىپ تەڭشەيدۇ ، ئۇنىڭ تۈزۈلىشىمۇ ناھايىتى ئاددى ئادەتتە كۆپ ئۇچىرايدىغانلار ئىككى ئۇچىدا ئىككىتال پارالىل تاختا بولىدۇ ئوتتۇرسىدا توك ئۆتكۈزمەس جىسىم ئىزىلياتور بولىدۇ ،(شۇڭا بۇنىڭدىن تۇراقلىق توك ئۆتمەيدۇ ،ئۆزگۈرۈشچان توكلا يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆتەلەيدۇ، باتاريەگە  چىتىپ سىناپ ئاۋارە بولماڭلا )

            تەھلىل ۋە ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، كوندېنساتور ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 10 تۈرگە بۆلۈنىدۇ :
    1. قۇرۇلما بويىچە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ : مۇقىم كوندېنساتور ، ئۆزگىرىشچان كوندېنساتور ۋە ئىنچىكە تەڭشىلىدىغان كوندېنساتور  
    2. ئېلېكترولىت بويىچە تۈرگە ئايرىش : ئورگانىك كوندېنساتور ، ئانئورگانىك كوندېنساتور ، ئېلېكترولىزلىق كوندېنساتور ، ئېلېكترلىك ئىسسىق كوندېنساتور ۋە ھاۋا كوندېنساتورى قاتارلىق كوندېنساتور
    3. ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن يۇقىرى چاستوتىلىق يان يول (高压旁路)، تۆۋەن چاستوتىلىق يان يول(低压旁路) ، دولقۇن سۈزۈش ، تەڭشەش ، يۇقىرى چاستوتىلىق باغلىنىش ، تۆۋەن چاستوتىلىق باغلىنىش ، كىچىك تىپتىكى كوندېنساتور دەپ ئايرىلىدۇ .
    4. ياساش ماتېرىياللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ساپال دىئېلېكترىك كوندېنساتور ، دىلۇن كوندېنساتور ، ئېلېكترولىزلانغان كوندېنساتور ، يەنە ئىلغار پولى پروپىلېن كوندېنساتور قاتارلىق دەپ ئايرىشقا بولىدۇ .
    5. يۇقىرى چاستوتىلىق يان يول(高压旁路) : ساپال كوندېنساتور ، چىرىمتال كوندېنساتور ، ئەينەك پەردىلىك كوندېنساتور ، دىلۇن كوندېنساتورى ، ئەينەك ئېماللىق كوندېنساتور
    6. تۆۋەن چاستوتىلىق يان يول(低压旁路) : قەغەز دىئېلېكترىك كوندېنساتور ، ساپال كوندېنساتور ، ئاليۇمىن ئېلېكترولىزلىق كوندېنساتور ، دىلۇن كوندېنساتورى
    7. دولقۇن سۈزۈش : ئاليۇمىن ئېلېكترولىزلىق كوندېنساتور ، قەغەز دىئېلېكترىك كوندېنساتور ، بىرىكمە قەغەز دىئېلېكترىك كوندېنساتور ، سۇيۇق تانتال كوندېنساتور
    8. تەڭشەش : فارفور كوندېنساتور ، چىرىمتال كوندېنساتور ، ئەينەك پەردىلىك كوندېنساتور ، پولىستىرېن كوندېنساتورى
    9. تۆۋەن باغلىنىش : قەغەز دىئېلېكترىك كوندېنساتور ، ساپال كوندېنساتور ، ئاليۇمىن ئېلېكترولىزلىق كوندېنساتور ، دىلۇن كوندېنساتورى ، قاتتىق تانتال كوندېنساتور
    10. كىچىك تىپتىكى كوندېنساتور : مېتاللاشقان قەغەز كوندېنساتور ، ساپال كوندېنساتور ، ئاليۇمىن ئېلېكترولىزلىق كوندېنساتور ، پولىستىرېن كوندېنساتورى ، قاتتىق تانتال كوندېنساتورى ، ئەينەك ئېمال كوندېنساتورى ، مېتاللاشقان دىلۇن كوندېنساتورى ، پولىپروپىلېن كوندېنساتورى ، چىرىمتال كوندېنساتور  
     فورمىلا چۈشەندۈرلىشى:


        C=Q/U   

         Cبولسا كوندېنساتور نىڭ زەرەت سىغىمىنى كۆرسىتىدۇ ، Q بولسا توك يولىدىكى زەرەت مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ بىرلىكى C ئوقۇلىشى كۇلۇن  (مىسال ئىشلىگەندە سوئالدا ئۆزى بىرىدۇ)   ،U  بولسا ئىككى ئۇچىدىكى ئېلىكتىر بىسىمىنى كۆرسىتىدۇ




        بىر مىسال ئىشلەپ كۆرسىتىپ قوياي بىر كۆرۈپلا چۈشۈنەلەيسىلە (مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ كۆرەلەيسىز)

سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ




ئەسكەرتىش: رەسىمدە ياكى دەرىسلىكتە خاتالىق بولسا ئىنكاس يىزىپ قويۇڭ ، چۈنكى مەنمۇ بۇ ماتىرياللارى دۆلەپ تىلىدا ئۈگەنگەن ،ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا سەل مۇرەككەپلىشىپ كىتىدىكەن ،


ئىمزا : بىر كۈندە بىرەر نەرسىمۇ ئۈگىنەلمىسەڭ ،شۇ بىر كۈنگە يۈز كىلەلمەيسەن


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش