تاللاڭيانفون نۇسخىسى|كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش

DIP قارشىلىقنىڭ رەڭ ھالقىسىنى ھېساپلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

34

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36775

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-7 19:11:48  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش | كۆرۈش شەكلى

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار ،بۈگۈن سىلەرگە سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇن بولسا DIP  قارشىلىقنىڭ رەڭ ھالقىسى ئارقىلىق قارشىلىق قىممىتىنى ھېساپلاش  ،

ئاۋال بىز DIP قارشىلىق دىگەن نىمە دىگەننى بىلىشىمىز كىرەك ،


   مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان رەڭ ھالقىسى بار قارشىلىق ،



         ئەلۋەتتە بۇ قارشىلىق ئۈستىدىكى رەڭلەر ئۆزلىكىدىن سىزىلىپ قالغان ياكى چېرايلىق تۇرسۇن دەپ سېزىلغان قارشىلىق رەڭ ھالقىسى ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ۋە قىممىتى بار ،

ئادەتتە بۇ قارشىلىق ئۈچكە بۆلىنىدۇ ،بىرسى بەش ھالقىلىق ، بىرسى تۆت ھالقىلىق يەنە بىرسى ئالتە ھالقىلىق  ،   ئاۋۋال تۆت ھالقىلىقنى ساناشتىن باشلايلى :

          تۆت ھالقىلىق قارشىلىق:


   ئاۋال بىز رەڭ فاززىسىنى بىر كۆرىۋىتەيلى   




       4 رەڭ ھالقىسى قارشىلىقىنىڭ قارشىلىق قىممىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : قارشىلىق قىممىتى = ( 1 - رەڭ ھالقىسى * 10 + 2 - رەڭ ھالقىسى ) * 3 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى كۆپەيتكۈچى سانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .(كۆپەيتكۈچى سانى ئاستىدا يېزىقلىق)


    5 رەڭ ھالقىسى قارشىلىقىنىڭ قارشىلىق قىممىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : قارشىلىق قىممىتى = ( 1 - رەڭ ھالقىسى * 100 + 2 - رەڭ ھالقىسى * 10 + 3 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى ) * 4 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆپەيتكۈچى سان (كۆپەيتكۈچى سانى ئاستىدا يېزىقلىق)


    1. رەڭ قارشىلىق قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سان : قارا - 0 ، قوڭۇر - 1 ، قىزىل - 2 ، قىزغۇچ - 3 ، سېرىق - 4 ، يېشىل - 5 ، كۆك - 6 ، سۆسۈن - 7 ، كۈلرەڭ - 8 ، ئاق - 9


    2. رەڭ كۆپەيتكۈچىنىڭ قىممىتى  : قارا - 1 ، قوڭۇر - 10 ، قىزىل - 100 ، سېرىق - 10000 ، يېشىل - 100000 ، كۆك - 1000000 ، سۆسۈن - 10000000 ، كۈل - 10000000000 ، ئاق - 100000000000 ، ئالتۇن - 0.01 ، كۈمۈش - 0.01
    3. تۆت رەڭلىك ھالقىلىق قارشىلىقىنىڭ 4-رەڭگى خاتالىق پەرقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئالتۇن رەڭ %5±  ,كۈلرەك %10±    (±بۇ بەلگە ئالدى كەينىدە دىگەن گەپ ،ياكى شۇنچىلىك ئىشىپ كىتىدۇ ياكى شۇنچىلىك كىمىيىپ كېتىدۇ،چۈنكى ئۇنىمۇ ئادەم ياسايدۇ ئەمەسمۇ خاالىق پەرىقى چىقىشى ئىنىق )
    4 ) بەش خىل رەڭلىك ھالقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ 5-رەڭگى خاتالىقنىڭ ئەھمىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ : قوڭۇر - % ±1 ، قىزىل - % 2 ±، يېشىل - % 0.5 ±، كۆك - % 0.25 ±، سۆسۈن - % 0.10 ±، كۈل - % 0.05 ±
    ئېلېكتر قارشىلىقى ئۈستىدە تۆت خىل رەڭ ھالقىسى ياكى بەش خىل رەڭ ھالقىسى ياكى ئالتە خىل رەڭ ھالقىسى ئارقىلىق ئېلېكتر قارشىلىق قىممىتى ئىپادىلىنىدۇ . خالىغان نۇقتىدىن بىر قېتىمدىلا ئېلېكتىر قارشىلىق قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەڭ ئۇچۇرىنى ئوقۇغىلى بولىدۇ .
    رەڭلىك ھالقا قارشىلىقى ھەر خىل ئبلبكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ كۆپ ئبلبكتر قارشىلىقى بولۇپ ، مەيلى قانداق قۇراشتۇرۇلسۇن ، رېمونت قىلغۇچىلار ئۇنىڭ قارشىلىق قىممىتىنى ئاسان ئوقۇپ چىقالايدۇ ، تەكشۈرۈش ۋە ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق .سىز قانداق تاپىمەن دەپ غەم يىمەڭ باشقا رەڭلەر تەكرارلانسىمۇ خاتالىق پەرىقى رەڭگى قايتىلانمايدۇ ۋە ئىچىدە پەيدا بولمايدۇ شۇنىڭغا قاراپ خاتالىق پەرىقى رەڭگىنى تاپسىڭىز ئۇ تەرەپ ئاخىرقى تەرىپى بولىدۇ

مەن بىر ھىساپلاپ كۆرسىتىپ قوياي ....   




مانا قاراپ مۇنداق بۆلىمىز ،بۇ تۆت ھالقىلىق قارشىلىق
خاتالىق پەرقى رەڭگى : كۈلرەڭ ،،،،پىلۇس مىنۇس %10
1-رەڭ قوڭۇر رەڭ    ۋەكىل سانى 1
2-رەڭ يېشىل رەڭ  ۋەكىللىك سانى 5
كۆپەيتكۈچى سانى رەڭگى قىزىل ۋەكىللىك سانى 100
فورمىلاسى ( 1 - رەڭ ھالقىسى * 10 + 2 - رەڭ ھالقىسى ) * 3 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى كۆپەيتكۈچى سان       (1*10+5)*100=150(ئوم)   !!!!!!!!!!!!!!!




بەش ھالقىلىقنى سۆزلەپ ئۇخلىتىپ قويماي فورملاسى 1 - رەڭ ھالقىسى * 100 + 2 - رەڭ ھالقىسى * 10 + 3 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى ) * 4 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆپەيتكۈچى سان
   ئېنىقلا ئالتە ھالقىلىقنىڭ فورمىلاسى ( 1 - رەڭ ھالقىسى * 1000 + 2 - رەڭ ھالقىسى * 100 + 3 - ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى*10+4-ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى) *5- ئورۇندىكى رەڭ ھالقىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆپەيتكۈچى سان   


ئاسان ھە ئەمسە مىسال ئىشلەڭلا


         


جاۋابىڭلىنى ساقلايمە ئىنكاس رايۇنىدا

ئەسكەرتىش: رەسىم بىنورمال ياكى دەرىسلىكتە خاتالىق بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ باشقىلار خاتا ئۈگىنىۋالمىسۇن




ئىمزا :بىز ئۈگىنەلمەيۋاتقان ئادەمگە  ئامال قىلىپ ئۈگىتەلەيمىز لىكىن ئۈگەنگۈسى يوق ئادەمگە ھەرنىمە قىپ ئۈگىتەلمەيمىز




بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

25

تېما

34

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36775

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-7 19:19:09  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


ھەراس باشقا شەكىلدىكى قارشىلىقلارنى قانداق ھىلساپلايمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار ئۇنداق قارشىلىقلارنىڭ ئۈستىگە يىزىپ قويىدۇ



1

تېما

12

يازما

68

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
68
QQ
ۋاقتى: 2019-7-7 19:57:12  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


يەنىلا ھەممە  ئىھتىياج تولۇق بولسا ياخشىراقكەن

25

تېما

34

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36775

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-7 20:47:30  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


小凯520 يوللىغان ۋاقتى  2019-7-7 19:57
يەنىلا ھەممە  ئىھتىياج تولۇق بولسا ياخشىراقكەن

ماتىماتىكا بىلسىڭىزلا بولدىغۇ بۇنىڭغا

1

تېما

12

يازما

68

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
68
QQ
ۋاقتى: 2019-7-8 11:29:27  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


بۇنى بىلىمەن،مۇشۇ دىتاللا  تولۇق  بولسا ياخشىكەن دىمەكچى

25

تېما

34

يازما

3 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
36775

ھەركەتچان ئەزاقىزغىن ئەزاپەخىرلىك ئەزامۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزا

ۋاقتى: 2019-7-8 15:12:30  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


ئۇغۇ راس ، پات ئارىدا قاتتىق دىتال مۇنبىرىنىڭ تور بازىرى ئېچىلىدۇ ،شۇ چاغدا ياردىمى تېگىپ قالار

1

تېما

12

يازما

68

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
68
QQ
ۋاقتى: 2019-7-11 09:33:27  | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

*تىزىملىتىپ كىرمىگەن بولسىڭىز تىما رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ


ئۇنداق بولسا ياخشكەن

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش